يېڭى-بارماق دىسكا ئارقىلىق كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلاش ئۇسۇلى

كومپيۇتېرى بار كىشىلەر ئۈچۈن كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلاش ئانچە بەك ناتونۇش مەشغۇلات ئەمەس. بەزىدە كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ۋىرۇس يوقۇش سەۋەبىدىن سىستېما بۇزۇلسا سىستېما قاچىلايمىز ۋە ياكى باشقا بىرەر سەۋەپتىنمۇ سىستېما قاچىلاش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈنكى بۇ يازمىمىزدا، كومپيۇتېرغا بارماق دىسكا ئارقىلىق سىستېما قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بەلكىم بۇ ئۇسۇلنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ يازمىمىزدا سۆزلەنگەن ئۇسۇللارنى بىلمەيدىغانلارمۇ خېلى بار بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىلىدىغان بىلەرمەن دوستلىرىمىزنىڭ ھاياجانلىنىپ كەتمەي، بۇ تېمىمىزدىن ئاتلاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

خوش ئۇنداق بولسا دەرسىمىزنى باشلىساق:

كېرەكلىك ماتېرىياللار:

1- بىر تال بارماق دىسكا تەييارلايمىز.

2- بىر دانە كومپيۇتېر بولۇشى كېرەك.

3- بارماق دىسكىغا قاچىلايدىغان winpe سىستېمىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز.

دىققەت: ھازىرقى كۆپ قىسىم بارماق دىسكا سىستېمىسىدا ئېلان دېتاللار بەك كۆپ. گەرچە سىزپاكىز بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىسىڭىزمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا سىستېما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىنلا بىرمۇنچە ئەخلەت دېتاللارنى قاچىلاپ، پاكىز سىستېمىڭىزنى بۇلغاپ قويىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە مەن سىناقتىن ئۆتكەن ئېلانسىز پاكىز بارماق دىسكا دېتالىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

http://www.usbrun.com

بۇ تور بېكەتتىكى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان سىستېما ياساش دېتالى بىر قەدەر پاكىز ۋە ئېلانسىز. شۇڭا خاتىرجەم چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. 

4- قاچىلىماقچى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەييارلايمىز. 

مەشغۇلات سىستېمىسىنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپلا ئىشلەتسەك بولىدۇ، نۇرغۇن تورلاردا مەشغۇلات سىستېمىسى بەك كۆپ، ئەمما ھەمممىسى ئېلان بار يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ توشقۇزۋەتكەن سىستېمىلار. تۆۋەندە تەۋسىيە قىلىنغىنى پاكىز ۋە مىكروسوفت ئۆزى تەمىنلىگەن مەشغۇلات سىستېمىسى بار بەتلەردۇر.

ئالدى بىلەن Ghost سىستېمىلارنى چۈشۈردىغان بەتنى تەۋسىيە قىلاي

http://www.far123.com

يۇقارقى بەتتە ئادەتتىكى ئىشلىتىدىغان دېتاللار قاچىلانغان ۋە ھېچقانداق دېتال قاچىلانمىغان پاكىز نۇسخىدىكى windows xp/7/10 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ Ghost نۇسخىسى بىۋاستە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن. سىستېمىنىڭ ئىشلىشى مۇقىم ۋە راۋان. سىناقتىن ئۆتكەن تور بېكەت. خاتىرجەم چۈشۈرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.

https://msdn.itellyou.cn

بۇ بېكەتتە بارلىق كومپيۇتېرغا ئائىت يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەسلى مىكروسوفت تەمىنلىگەن مە شغۇلات سىستېمىسى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن.


خوش ئۇنداقتا بىز كېرەكلىك قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللارنى تەييارلىۋالدۇق. ئەمدى ئىش باشلايلى.

ئالدى بىلەن بىز توردىن چۈشۈرگەن با رماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان سىستېما ياساش دېتالىنى قوزغىتىمىز ۋە بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چاتىمىز. (دېتالنىڭ قاچىلىنىش جەريانى قىسقارتىلدى.)

مانا كۆرگەندە، بۇ دېتالنى قوزغىتىپ قارىساق، كومپيۇتېرغا چېتىلغان بارماق دىسكىنى تونۇغان ھالەتتە بىزگە كۆرۈنىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن بىز «بىر كۇنۇپكا بىلەن ياساش» (一键制作) دېگەەن يېشىل رەڭلىك كۇنۇپكىنى باسساق بىزدىن بارماق دىسكا ئىچىدىكى بارلىق ئۇچۇلارنىڭ يوقاپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئەسكەرتىش چىقىدۇ.

ناۋادا باشقا مۇھىم نەرسىلە بولمىسا، جەزملەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بارماق دىسكىمىزغا بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان سىستېما قاچىلاشقا بۇيرۇق بەرسەك بولىدۇ.

كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى ياخشىراق بولسا 2-3 مىنۇت ئىچىدە بارماق دىسكىغا سىستېما قاچىلاپ تەقلەپ بېرىدۇ. دېمەك بۇ مۇھىم باسقۇچ پۈتتى. ئەمدى كېيىنكى قەدەمدە، بارماق دىسكىمىزغا بايا ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن توردىن چۈشۈرگەن مەشغۇلات سىستېمىسىنى كۆچۈرىمىز. 

مانا سىستېمىلار تەييار بولدى. ئەمدى سىستېما قاچىلىماقچى بولغان كومپيۇتېرغا بارماق دىسكىمىزنى چاتىمىز.

چاتقاندىن كېيىن كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش ھالىتىنى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىش ھالىتىگە تەڭشەيمىز ياكى تېزلەتمە كۇنۇپكا ئارقىلىق بارماق دىسكىدىن قوزغىلىشىنى بەلگىلەيمىز.

ھەرقاسى كومپيۇتېرنىڭ ئانا تاختىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تېزلەتمە كۇنۇپكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ ئوخشاش ئەمەس. شۇڭىلاشقا تۆەندىكى تىزىملىك بويىچە ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرنىڭ قايسى كۇنۇپكىنى باسقاندا تېزلەتمە كۇنۇپكىسىنىڭ رولى بارلىقىنى بىلەلەيسىز.

بۇنى بىلىۋالغاندىن كېيىن دەرھال بارماق دىسكىڭىزنى تاللاپ بارماق دىسكىدىكى سىستېمىنى قوزغىتىسىز. تۆۋەندىكىدەك:

بۇنىڭدىن سىزئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرنى سەپلىمىسگە قاراپ 2-3-4- تۈرلەردىكى بارماق دىسكا سىستېمىسىنى تاللاپ قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. 

1-تۈردىكىسى شۇ كومپيۇتېردىكى مەشغۇلات سىستېمىسىغا كىرىشنى كۆرسىدۇ 

2-تۈردىكىسى بولسا ئەڭ كونا سەپلىمىدىكى كومپيۇتېرغا بىر قەدەر ماس كېلىدىغان سىستېما بولۇپ، ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن بولسا مۇشۇنى تاللاپ كىرسىڭىز بولىدۇ. 

3-تۈردىكىسى بولسا 32 بىتلىق بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان windows 10 سىستېمىسىدۇر. 

4-تۈردىكىسى 64 بىتلىق بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان windows 10 سىستېمىسىدۇر. 

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا تۈرلەر تونۇشتۇرۇلمىدى. 

دېمەك ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ خالىغان بىر سىستېمىغا كىرسىڭىز بولىدۇ. 

ئۈستەل يۈزىگە كىرىۋاتىدۇ…

خوش ئەمدى 1-بوپ قىلىدىغان ئىشىمىز، كومپيۇتېرنىڭ سىستېما قاچىلىماقچى بولغان رايوننى فورماتلاش. ئاندىن سىستېما قاچىلاشنى باشلايمىز.

بۇ دېتال ئارقىلىق C دىسكىنى فورماتلايمىز.

فورماتلاش تاماملاندىن كېيىن تۆۋەندىكى دېتالنى قوزغىتىپ بارماق دىسكا ئىچىدىكى سىستېمىنى قاچىلايمىز.

بۇ دېتال مەخسۇس بارماق دىسكا ئىچىدىكى Gho, iso ھۆججەتلەرنى بىمالال تونۇيدىغان ھەم سىستېمىنى بىۋاسىتە قاچىلىيالايدىغان دېتال.

مانا قارايدىغان بولساق، بارماق دىسكىمىزنىڭ ئىچىدىكى gho, iso ھۆججەتلەرنى ئۆزى ئاپتوماتىك تونۇپ، بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىز قايسى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىسىڭىز شۇنى تاللاپ، كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ سىستېما قاچىلاشنى داۋام قىلسىڭىز بولىدۇ.

مانا ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى كېيىنكى قەدەمنى باسسىڭىزلا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ C رايونىغا يېڭى سىستېما قاچىلىنىپ كېتىدۇ. كومپيۇتېرىڭىز ساز ماڭىدۇ دە ئەمدى….图片

خوش بۈگۈنكى دەرسىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. چۈشەنمىگەن جايلار بولسا سۆز قالدۇرساڭلار بولىدۇ. يەنە شۇ كونا گەپ، بىلىدىغانلار ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەڭلار بولىدۇ. بۇنى پەقەت بىلمەيدىغان ۋە ئۆگەنگۈسى بارلار ئۈچۈنلا تەييارلىدىم. 

ئەسكەرتىش:
بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىش جەريانىدا چوقۇم تېمىدا كۆرستىىلگەن ھەر بىر قەدەم باسقۇچنى بەك توغرا ئېلىپ بېرىڭ، بولمىسا بارماق دىسكىڭىزدىكى ۋە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ دىسكىسىدىكى مۇھىم نەرسىلىرىڭىزنى مەشغۇلاتنى خاتا قىلىپ قويۇش سەۋەبىدىن يوقىتىپ قويسىڭىز ياكى فورماتلاپ سالسىڭىز مەن مەسئۇل ئەمەس، ئەمما يۇقىردىكى مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە ئىش قىلسىڭىز 100% چاتاق چىقمايدۇ.

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0
تارقىتىش
ئىنكاس جەمئىي2تال
    • 博古达
    • مۇنبەرگە كۈندە كىرىمەن لېكىن بىرەر تېمىنى يوللالمايمەن ،قانداق سىر باردۇ!
      1ئاي بۇرۇن جاۋاب
      • Qulay
        Qulayئاپتور0
        مىنى ئۈندىدارغا قوشۇڭ بازقۇرغۇچىلىق ھوقوقى ئېچىپ بېرەي ئۈندىدارىم kader-bey
        26كۈن بۇرۇن @博古达جاۋاب