ئوغرىلىقچە ھەق تۇتىۋاتامدۇ؟ ئالىپاي،ئۈندىداردا مۇنداق تاقايمىز

ئالىپاي

ئالىپاينى ئاچقاندىن كېيىن 

我的

دېگەن سىتوننىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى

 设置 (تەڭشەك)

نى ئاچىمىز

چىققان بەتتىن

【支付设置】

دېگەندىن

 【免密支付/自动扣款】(پارولسىز چىقىم قىلىش/ ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇش)

دېگەن تاللاشنى ئاچساق ئۆزىمىزنىڭ قايسى نەرسىلەرگە ئاپتوماتىك ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىنى ياكى پارولسىز چىقىم قىلىشنى ئاچقىنىمىزنى بىلەلەيمىز

ئۈندىدار

ئۈندىداردا ئىككى خىل تاقاش ئۇسۇلى بار. بىرىنچىسى

 微信支付

نىڭ بىزگە يوللىغان ھەق تۇتۇش ئۇقتۇرۇشى، بۇ ئۇقتۇرۇش ئادەتتە بىر ئايلىق ئەزالىق پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن كېلىدۇ، ئەگەر ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولساق ئۇدۇل مۇشۇ ئۇقتۇرۇش ئارقىلىقلا ئېتىۋەتسەكمۇ بولىدۇ

يەنى كەلگەن پۇل تۇتۇش ئۇقتۇرۇشىدىكى

【管理扣费项目】

(ھەق تۇتىدىغان تۈرلەرنى باشقۇرۇش)

دېگەن خەتنى چېكىپ ئېچىلغان بەتتىن 

【关闭服务】

(مۇلازىمەتنى تاقاش) دېگەن تاللانمىدىن مەزكۇر ئەپنىڭ ئاپتوماتىك ھەق تۇتۇشىنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل

ئۈندىدارنى ئاچقاندىن كېيىن 

【支付】

(چىقىم قىلىش)

 بېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ··· چېكىتنى بېسىپ چىققان بەتتىن

【扣费服务】

نى ئاچساق ئۈندىدار چىقىمدانىمىزدىن ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇدىغان مۇلازىمەتلەرنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئاپتوماتىك

ھەق تۇتۇش مۇلازىمىتىنى ئېتىۋەتمەكچى بولغان تاللانمىنى تاللاپ ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0
تارقىتىش
ئىنكاس