تور بەت تۈزۈش دېتالى Dreamweaver دەرسلىكى 1-قىسىم

بىرىنجى باپ: تور بەت ياساش ئاساسى بىلىملىرى

1.1

تور بېكەت ۋە تور بەت ئاساسى ئۇقۇملىرى

تور بەت

تور بەت بولسا

Internet

تىكى ئاساسى ئۇچۇر بىرلىكى. ئۇ يېزىق، سۈرەت، ئاۋاز ە ھەرىكەت قاتارلىق كۆپ ۋاستە ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئارا ئۇلىنىش قىلغان ئۇچۇر ئىپادىلەش شەكلى. باش بەت بولسا، تور بەت ئېچىلغان چاغدا كۆرۈنىدىغان تۇنجى بەت

تور بېكەت

تور بېكەت بولسا

Internet

تىكى ئۆز ئارا ئۇلىنىشتىن تۈزۈلگەن تور بەتلەر توپلىمى. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ئالاقە ئۇچۇر قورالى. تور بېكەتلەر مەزمۇنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ

مۇلازىمەت بېتى 

بۇ بىر خىل ئۇنىۋېرسال خارەكتىرگە ئىگە تور بەت بۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدە

 网易,搜狐,新浪

 قاتارلىق تور بەتلەر مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ؛

فۇنكىسىيەلىك تور بەتلەر

بۇ شېركەتلەرنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمىسى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان تور بەتلەر

كەسپى تور بەتلەر

بۇ مەخسۇس ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور بەت

شەخىسلەر تور بېتى

بۇ شەخىسلەر ئۆزى قۇرۇپ ئاچقان تور بەت بۇلۇپ، تور بەتتىكى مەزمۇنلارنىڭ كىشلىك خارەكتىرى كۈچلۈك بولىدۇ

1.2 

تور بېكەتنى لايىھىلەش ۋە ياساش

تور بەتنىڭ خاسلىقى ۋە تور بەتنى بېزەش 

 تور بەت ياساشتا، تور بەتكە قۇيىدىغان مەزمۇنلاردىن سىرت يەنە، تور بېكەتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى پىلانلاپ لايىھىلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. شەكلى رەتلىك، مەزمۇنى رەڭدار بولغان تور بەت ئەڭ ياخشى تور بېكەت بولالايدۇ. شۇڭا تور بېكەتنى رەڭدار ۋە گۈزەل قىلىپ لايىھىلەشتە، تور بەتنى ئالدىن پىلانلىۋېلىش كېرەك

     تور بەت ئۇسلۇبى بولسا، تور بېكەتنىڭ تور كۆرگۈچتە كۈرۈنىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت. شۇڭا تور بەتكە ھەر خىل ئوبىكىتلارنى قىستۇرۇش، بېزەشتىن بۇرۇن تور بەتنىڭ ئومۇمى قۇرۇلما ئۇسلۇبىنى ياخشى لايىھىلەش ۋە بېزەش كېرەك.

تور بەت ئۇسلۇبى ئادەتتە تور بەت ماركىسى، رەڭ ۋە خگت، بەت يۈزىنى بېزەش، كۆرۈنۈش شەكلى، ئۇلىنىش، يېزىق مەزمۇن ۋە تور بەتنىڭ باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

تور بېكەتكە ياخشى بىر ئۇسلۇپ بېكىتكەندىن كېيىن، تور بەت يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەستايدىل پىلانلاش كېرەك؛ يەنى تور بەت ماركىسى، تىزىملىك ، يولباشلاش يېتەكچىسى، قاتارلىق ئېلىمىنتلارنىڭ ئورنىنى مۇۋاپىق پىلانلاش كېرەك؛ كۆپ ئۇچرايدىغان تور بېكەتنى  ئورۇنلاشتۇرۇش قېلىپى تۆۋەندىكىچە

      

 خېتى شەكلى

بۇ خىل خەت شەكلىدە تور بەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئادەتتە چوڭ تىپتىكى تور بەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان بۇلۇپ، مەزمۇن بىر قەدەر مول، ئۇلىنىش بىر قەدەر كۆپ، ئۇچۇر مىقدارى چوڭ بولىدۇ. تور بەت ئۈستىدە ماركا ۋە يولباش تىزىملىكى ، ئاستىدا ئۈچ سىتۇن بۇلۇپ، ئىككى تەرىپىدە رەسىم ياكى خەتلىك ئۇلىنىش قۇشۇلغان كىچىك ئېلان رەسىملەر بولىدۇ. ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مەزمۇنلار ، ئاڭ ئاستىدا نەشىر ئۇچۇرى قاتارلىقلار بولىدۇ(1-رەسىم)

      厂 

خېتى شەكلى

بۇ خىل شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا، مەزمۇن ئېنىق، بىر كۈرۈپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان شەكىلدە بولىدۇ. بەت ئۈستىدە ماركا ۋە يولباشلاش تىزىملىكى ،سول تەرەپتە يېزىق ۋە رەسىملىك ئۇلىنىش، ئوڭ تەرەپتە تېسكىت ئۇچۇرى رايونى بولىدۇ؛

      تېما شەكلى

بۇ خىل شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرغان تور بەتنىڭ مەزمۇنى ناھايتى ئاددى بولىدۇ. ئۈستىدە تور بەت ماركىسى بولىدۇ. تېما ئاستىدا تور بەت مەزمۇنى بولىدۇ

     سىتۇنغا ئايرىلغان شەكىلى

بۇ ئادەتتە ئوڭ سولغا ياكى كۆپ خىل سىتۇنغا ئايرىش شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تور بەت بۇلۇپ، بىر سىتونى يولباشلاش ئۇلىنىشىنى، يەنە بىر سىتونى بولسا، تور بەت تېكىست ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     مۇقاۋا شەكلى

بۇ بىر خىل تەكشىلىكتە لايىھىلەش سەنئىتى خارەكتىرىگە ئىگە بولغان تور بەت ئۇرۇنلاشتۇرۇش شەكلى بۇلۇپ، ئاساسەن باش بەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە رەڭدار رەسىم ياكى ھەرىكەتلىك رەسىملەردىن پايدىلىنىپ لايىھەلىنىدۇ. كۆپ ھالەتتە شەخىسلەر تور بېتىنى لايىھىلەشتە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ

      Flash

شەكلى

بۇ ئادەتتە

Flash

تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا تور بەتنىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى ۋە تەسىرچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ

  بېكەتنى پىلانلاش، تور بەت ياساش

بېكەتنى پىلانلاش بولسا، تور بەتتە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئېلىمىنتلارنى ۋە بايلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە پىلانلاشنى كۆرسىتىدۇ. تور بېكەتنىڭ  سىتونىنى لايىھەلىگەندە، رەڭلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش، يۈزىنى لايىھىلەش، يېزىق رەسىمنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمىنى ياخشى پىلانلاش كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، تور بېكەتتىكى بارلىق رەسىم ۋە كۇنۇپكا قاتارلىق رەسىم ئېلىمىنىتلىرىنى بىر رەسىم ھۆججەت خالتىسى ئىچىگە قۇيۇش

HTML

ھۆججەتلىرىنى بىر مۇندەرىجە ئىچىگە قۇيۇش، ھەرىكەت ۋە سۈرەتلىك ماتىرياللارنى بىر

Flash

ھۆججەت خالتىسى ئىچىگە قۇيۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇش ۋە تاللاپ ئىشلىتىشكە قولايلىق بولىدۇ

     تور بەت ياساش بولسا، بىر مۇرەككەپ جەريان بۇلۇپ، ئاۋال چوڭ ئاندىن كىچىك، ئاۋال ئاددى ئاندىن مۇرەككەپنى ياساش تەرتىپى بويىچە ياساش كېرەك. يەنى تور بەتنى ياسىغاندا، ئاۋال چوڭ قۇرۇلمىسىنى بېكىتىۋېلىش، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىچىك تۈرلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياساش كېرەك

       يېڭىلاش، تور بېكەتنى ئېلان قىلىش

     تور بەتنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، تورغا يوللاش دېتالى ئارقىلىق

Internet

قا يوللاپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن سۇنۇلىدۇ. تورغا يوللايدىغان يۇمشاق دېتاللار ناھايتى كۆپ بۇلۇپ، دائىم ئىشلىتىلدىغىنى

FTP

يۇمشاق دېتالى. تور بەتنى تور بوشلۇقىغا يوللاشتىن بۇرۇن ، يەرلىكتە سىناپ ئىجرا بولۇش ئەھۋالىنى كۈرۈپ بېقىش، خاتالىق بولسا، تۈزەتكەندىن كېيىن يوللاش كېرەك

     تور بېكەتنىڭ مەزمۇنلىرىنى دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك

        因特网

ئىنتېرنېت

ئىنتېرنېت

Internet

بولسا

 互联网

 ئالاقە تورى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بىر خىل پۈتۈن دۇنيادىكى كومپىيوتېرلار ئارىسىدىكى يوللاشنى ئۇلىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان تور . ئۇ ئاساسلىقى

 万维网 WWW

 دۇنيا ئۇچۇر تورى

، FTP

ھۆججەت يوللاش كېلىشىمى

، E-mail

ئېلىكتىرونلۇق خەت ۋە يىراقتىن تىزىملاش

 远程登录 

قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

       万维网

دۇنيا ئۇچۇر تورى

万维网

 دۇنيا ئۇچۇر تورى بولسا

World Wide Web

نىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى بۇلۇپ، ئادەتتە

WWW

ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ چەكسىز تور بېكەت ۋە تور بەتلەرنىڭ توپلىمىدىن ئىبارەت.شۇنداقلا ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى ئەڭ  ئاساسى مۇلازىمەت ھېساپلىنىدۇ

        浏览器

كۆز يۈگۈرتكۈچ

كۆز يۈگۈرتكۈچ بولسا، بىر خىل توردىكى ئۇچۇرلارنى تېكىست ھۆججىتى شەكلىدە تور بەتتە كۆرسىتىپ بېرىدىغان تور بەت يۇمشاق دېتالى بۇلۇپ، ھازىر كۆپ ئىشلىتىلدىغىنى

Internet Explorer

       HTML

ئالى دەرىجىلىك تېسكىت بەلگە  تىلى

HTML

بولسا

Hyper Text Marked Language

نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بۇلۇپ، ئۇ بىر خىل ئالى دەرىجىلىك تېكسىت بەلگە تىلى. يەنى ئەڭ ئاددى بولغان تور بەت ياساش بەلگە تىلىدىن ئىبارەت. بۇ تىلدا تۈزۈلگەن تور بەتلەرنى بىۋاستە تور كۆرگۈچتە ئىجرا قىلىپ كۈرۈشكە بولىدۇ

  电子邮件

ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى    

 ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى

E-mail

دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولغان، ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن تورنىڭ بىر خىل مۇلازىمەت تۈرى بۇلۇپ، تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كومپىيوتېرلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خەت ئالاقىدىن ئىبارەت

      url

 ئورۇن بەلگىلىگۈچ

     URL

بولسا

Uniform Resource Locator

نىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن بايلىق ئورنىنى بەلگىلىگۈچ،يەنى تور  ئادرېسى دېگەنلىك. يەنى تور بەت ئادرېسى

       域名

تور نامى

تور نامى بولسا

، Internet

تىكى ئېشىك تاختا نومۇرى دېگەنلىك بۇلۇپ، توردىكى چەكسىز تور بەتلەرنى پەرىقلەندۈرۈش ۋە ئورنىنى بېكىتىش ئۈچۈن كومپىيوتېر تور كېلىشىمى

IP

گە ئاساسەن بىردىنبىر قۇيۇلغان نام

مەسىلەن

www.xj.langdubook.cn

بۇنىڭدىكى تور نامى بولسا

xj.langdubook.cn

     ھۆججەت يوللاش كېلىشىمى 

FTP

بولسا

File Transfe Protocol

نىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ، بىر خىل ھۆججەت يوللاش كېلىشىمىدىن ئىبارەت. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق، بىر ئورۇندىكى ئوچۇرلارنى يەنە بىر ئورۇنغا ئەۋەتكىلى  ۋە باشقا يەردىكى بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلانغىلى بولىدۇ

 IP 

ئادرېس

IP

بولسا

Internet Protocol

نىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ، خەلقئارالىق تور كېلىشىمىن ئىبارەت. توردىكى كومپىيىوتېرلار مۇشۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، بىردىنبىر ئادرېسىقا ئىگە بۇلىدۇ

    上传和下载

يوللاش ۋە چۈشۈرۈش

上传

 بولسا

Upload

بۇلۇپ، يىراق مۇساپىلىق مۇلازىمىتېرغا سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاشنى كۆرسىتىدۇ

下载Download 

بولسا، يىراق مۇساپىلىق مۇلازىمىتىردىكى ھۆججەتلەرنى مۇشۇ كومپىيوتېرغا چۈشۈرۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0
تارقىتىش
ئىنكاس