تور بەت تۈزۈش دېتالى Dreamweaver دەرسلىكى 2-قىسىم

1.4

تور بەت قۇرۇش ئاساسى باسقۇچلىرى

تور بەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇقۇمى

بەت چوڭ كىچىكلىكى : تور بەت يۈزىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئىكراننىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، ئادەتتە ئىكراننىڭ پەرىقلەندۈرۈش نىسپىتى 800*600 پىكسىل بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 780*428 پىكسىل تەڭشەلسە بولىدۇ. پەرىقلەندۈرۈش نىسپىتى 640*480پىكسىل بولغاندا، بەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 620*311 پىكسىل تەڭشەلسە بولىدۇ. پەرىقلەندۈرۈش نىسپىتى 1024*768 پىكسىل بولغاندا، بەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 1007*600 پىكسىل تەڭشەلسە بولىدۇ. شۇڭا ئىكراننىڭ پەرىقلەندۈرۈش نىسپىتىگە ئاساسەن، بەت يۈزىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك

بىر پۈتۈن مودىلى: مودىل بولسا، جىسىمنىڭ شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بۇلۇپ، بەتنىڭ ئومۇمى كۈرۈشن شەكلى، قەۋەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، رامكىلار قاتارلىقلارنى ھەر خىل شەكىللەردە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ

     بەت بېشى: بەت بېشى يەنە بەت قېشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ رولى بولسا، بەتنىڭ  تېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ ئادەتتە تور بەت نامى، بېكەت ماركىسى ، ئۈستىگە قۇيۇلىدىغان ئېلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

     تېكىست: تېسكىت بولسا، تور بەت ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك قەۋەتلەر ۋە بۆلەكلەردىكى مەزمۇنلاردىن ئىبارەت؛

     بەت ئاستى: بەت ئاستى بولسا، ئاسلىقى ئادرېس قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

     رەسىم: رەسىم ۋە تېكىست بولسا، تور بەتتىكى ئىككى چوڭ ئېلىمىنت بۇلۇپ، بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. تور بەتتە رەسىم ۋە يېزىقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلىنىش قۇرۇش ئارقىلىق، تور بەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ

     كۆپ ۋاستە : تور بەتتە رەسىم ۋە يېزىقتىن باشقا يەنە، ئاۋاز، ھەرىكەتلىك سۈرەت، سۈرەتلىك فىلىم قاتارلىق كۆپ خىل ماتىرياللار بۇلۇپ، بۇ خىل كۆپ ۋاستە ماتىرياللىرى كۆپ ئىشلىتىلمىسىمۇ لېكىن، تور بەتنىڭ رەڭدار ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

 تور بەتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى

تور بەتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئىككى خىل

    1)

قەغەز يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش

كۆپ ساندىكى تور بەت تۈزگۈچىلەر ئادەتتە تور بەت يۈزىنى قەغەز يۈزىگە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، لايىھىلەش ئېلىپ بارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپ ياكى مەزمۇنى ۋە باشقا ۋاھاكازا مەسلىلەرگە ئۇچراپ، قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ

     شۇڭا تور بەت ياساشتىن بۇرۇن، بەت يۈزىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، مودىلى، بەت بېشى، بەت ئاستى، تېكىست، رەسىم قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى قەغەز يۈزىدە ئالدىن لايىھىلەپ ئورۇنلاشتۇرۋېلىش ۋە ئىنچىكە ئۆلچەش كېرەك

2)

يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش

ناۋادا قەغەز يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش بىر قەدەر ئاۋارچىلىق دەپ قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا

 Photoshop

 يۇمشاق دېتال ئارقىلىق بۇ خىزمەتنى تاماملاشقا بولىدۇ

 تور بەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسى

تور بەت يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئاساسى تەلەپنى ئەستە ساقلاش كېرەك

      1)

قەۋەت پاسۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش

HTML4.0

 نەشرىدە

 CSS

 (قەۋەتلەرنىڭ پاسۇن جەدىۋېلى)  

ئىقتىدارى بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، CSS ئارقىلىق بەت يۈزىدىكى ھەر بىر قەۋەتلەرگە ئايرىم ئايرىم پاسۇن قوشقىلى بولىدۇ

      2)

جەدىۋەل ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش

جەدىۋەل ئارقىلىق ، بەت يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىر خىل ئاددى ئۇسۇل بۇلۇپ، بەت يۈزىدىكى مەزمۇن ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاۋال قۇر ۋە سىتۇنلۇق جەدىۋەل قىستۇرۇپ، رەسىم ۋە مەزمۇنلارنى شۇ جەدىۋەل كاتەكچىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭشەپ چىقىشتىن ئىبارەت

       3)

رامكا جازىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش

تور بەت ياساش يۇمشاق دېتاللىرى ئالدىن ئالا بىزنى كۆپ خىل بولغان بەت يۈزى رامكا جازىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ

    بىر دانە تور بەت ياساش (پىراكتىكا)

01:

باشلاش تىزىملىكىدىكى

<< span=””>程序>

تىزىملىكىدىن

<< span=””>附件>

نى بېىسپ، ئۇنىڭدىن كېيىن چىققان تىزىملىكتىن

<< span=””>记事本>

خاتىرە دەپتەرنى ئاچىمىز

02:

خاتىرە دەپتەرگە بىر

 HTML 

كودى يازىمىز. ئادەتتە 

HTML

 كودى <   >  ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ.  يازغان كود ئاخىرلاشقان بولسا، يانتۇ سىزىق / ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى فىلىمدىكىدەك كودنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن

، index.html

 دېگەن نامدا ساقلاپ، تور كۆرگۈچتە ئىجرا قىلىپ كۆرسەك، تور بەت نامى «مېنىڭ تور بېتىم »دېگەن خەت كۈرۈنىدۇ. بۇ يەردىكى

 title 

بولسا، تور بەتنىڭ نامىنى كۆرسىتىشتە ئىشلىتىلىدۇ. كود ئاخىرلاشقاندا، يانتۇق سىزىق ئارقىلىق ئاخىرلىشىش بۇيرىقى بېرىلىدۇ

كودى

<html>

<head>

<title>مىنىڭ تور بىكىتىم</title>

<body>

سىناق دەرىس

</body>


© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0
تارقىتىش
ئىنكاس