پروگرامما تىلى CSS ئۆگىنىۋېلىڭ 1-قىسىم

بىرىنجى باپ

Css

تىلى بىلەن تونۇشۇش

CSS

تىلى بولسا ئاساسلىقى

HTML

بەتنىڭ ئۇسلۇبىنى كونترول قىلىدىغان قىسمى بۇلۇپ

، CSS

ئارقىلىق

HTML

كودى بىلەن ئۇسلۇپ كودىنى ئايرىۋەتكىلى بولىدۇ

CSS

تىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

CSS

تىلىنىڭ ئېنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى

Cascading Style Sheets

بۇلۇپ، ” قاتلاملىق ئۇسلۇب جەدىۋېلى” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ

CSS

تىلى HTML

دىن مۇستەقىل ھالەتتىلىك ئۇسلۇپ لايىھىلەش تىلى بۇلۇپ، تور بەت لايىھەسىدە ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئۇسلۇب لايىھىلەش ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ تور بەت كودى بىلەن ئۇسلۇب كودىنى بىر بىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكەن ھالەتتىكى بىر خىل ئۇسلۇب لايىھىلەش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان تىلدىن ئىبارەت؛

CSS تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى

CSS:1

بۇ نەشرى 1996

-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنىپ

، W3C

نىڭ تەۋسىيە ئۆلچەملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن

CSS: 2

بۇ نەشرى 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇ نەشرىگە بېسىپ چىقىرىش، ئاڭلاش ۋە كۈرۈش ئۈسكۈنلىرىگە ئالاقىدار خاسلىقلار قۇشۇلغان شۇنداقلا ئابونت كومپىيوتېرىغا خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئىقتىدارى قۇشۇلغان. بۇ ئىقتىدارلىرىدىن ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ ئىكرانغا ئالاقىدار خاسلىقلىرى 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇشۇلغان. بېسىپ چىقىرىش ئۈسكۈنلىرىگە ئالاقىدار خاسلىقلىرى 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇشۇلغان

CSS:2.1

بۇ نەشرى 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەر نۇسخىسى 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلىنغان

CSS:3

بۇنىڭ تارماق بۆلەكلىرى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ، ھازىرغا قەدەر ئەڭ دەسلەپكى بۆلىكى يەنى

CSS3

نىڭ ئاساسى نەشرى 2001-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئاخىرقى بۆلىكى يەنى

Media Queries

بۆلىكى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تاماملانغان

CSS

تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى

CSS

تىلىدا بەت يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەنئەنىۋى شەكىلدە

HTML

بويىچە بەت يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىغاندا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بۇلۇپ بەت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېلىمىنىتلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىش قاتارلىقلاردا پىكسىل دەرىجىسىگىچە توغۇرلاپ تەڭشىگىلى بولىدۇ. خەت نۇسخىسى، خەت نومۇرى، رەڭگى قاتارلىق خاسلىقلارنى قوللىغانلىقتىن بەت يۈزىدە تەكرار كود يېزىش ۋە ئۆزگەرتىش جەھەتتە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئېلىمىنىتلارنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى ئوبكىت ۋە بۆلەك شەكلىدە تەھرىرلەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغانلىقتىن نۆۋەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يېزىق شەكلىدە ئۇسلۇب لايىھىلەش تىللىرىدىن بىرى بۇلۇپ قالدى

CSS

تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئىنتايىن ئاددى ۋە خاتالىققا نىسپەتەن سەزگۈرلۈك دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بۇلۇپ، كودنى ئاددى، رەتلىك، چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىش ياكى قىسقا، تور كۆرگۈنىڭ ئوقۇشچانلىقىغا ماسلاشتۇرۇلغان ھالەتتە يېزىشنى كود يازغۇچى ئۆزىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنىڭ كود يېزىش ئادىتىگە قارىتا خالىغانچە بەلگىلىۋالسا بولىدۇ

نېمە ئۈچۈن

CSS

تىلىنى ئۆگىنىمىز؟

گەرچە

HTML

 تىلىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس خاسلىقلىرى بار بولسىمۇ، ئۇ خاسلىقلار تور بەت لايىھەسىدە ئابونتلارنىڭ ۋە لايىلىگۈچىنىڭ لايىھە ئېھتىياجىدىن خېلىلا يىراق؛ چۈنكى

HTML

نىڭ ئۆىزنىڭ خاسلىقلىرىغا تايىنىپلا تور بەتلەرنى بېزىگەندە تور بەتنىڭ كۆرۈنۈشى ئىنتايىن قوپال ۋە كۈرۈمسىز بۇلۇپ قالغاندىن باشقا يەنە لايىھىلەشكە ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. تور بەت كودلىرى زىيادە كۆپ بۇلۇپ، بەتنىڭ ئېچىلىشى سۈرئىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوخشاش تۈردىكى ئېلىمىنىتلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش كودنى تەكرار يېزىشقا ، ئۆزگەرتىش ئۈچۈنمۇ تەكرار ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا تور بەتنىڭ كۈرۈنمە يۈزىنى تەكشىلىكتە لايىھىلەش يۇمشاق دېتاللىرىدا لايىھەلىگەن ئۈنۈمگە ئوخشىتىپ لايىھىلەپ چىقىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ۋەزىپە بۇلۇپ، بۇ ۋەزىپە داۋاملىق تۈردە

UI

لايىھىلىگۈچىسى بىلەن

HTML

كود يازغۇچىسى ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ پەيدا قىلىدۇ. ئەمما تور بەت لايىھەسىدە

HTML

گە

CSS

نى قۇشۇپ بەت لايىھىلەش ئېلىپ بارغاندا يۇقارقى مەسلىلەردىن تولۇق ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر تور بېكەت بىر تاللا بەت بىلەن پۈتۈپ چىقمايدۇ. بىر تور بېكەتتىكى كۆپ قىسىم بەتلەرنىڭ ئۇسلۇبى ئاساسى جەھەتتىن بىر خىل بولىدۇ

HTML

دە ئوخشاش ئۇسلۇبتىكى تۈر بەتلەرگە ئوخشاش كودنى تەكرار يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆزگەرتىش ئۈچۈنمۇ ھەر بىر بەتتىكى كودنى ئايرىم ئۆزگەرتىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما

CSS

دىن پايدىلانغاندا بىر تال

CSS

ھۆججختىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا بارلىق بەتنىڭ لايىھەسىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ چىققىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن لاياقەتلىك تور بەت لايىھلىگۈچىدە

CSS

كەم بولسا بولمايدىغان بىلىم ھېساپلىنىدۇ

نېمە ئۈچۈن

CSS3

تاماملانغان بۇرۇقلۇق

2.1 CSS

نى ئۆگىنىمىز ؟

گەرچە

CSS ئېلان قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ تېخى تور كۆرگۈلەردىكى قوللاش يېتەرلىك ئەمەس؛ ئۇنىڭدىن باشقا 3 CSS3

نۇرغۇنلىغان كەسپى بۆلەكلەرگە ئايرىلغان بۇلۇپ، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىلا تولۇق چۈشىنىپ كېتەلىشى بىرئاز قىيىنغا توختايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە

Css2

نىڭ كۆپ قىسىم خەتكۈچلىرى

CSS3

دىمۇ ئوخشاشلا ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا،

يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر

CSS2

نى پىششىق ئۆگىنىۋالسا

CSS3

كە تەبىئى ئۇل سالالايدۇ. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن

CSS

بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە

CSS2

دىن باشلاش يەنىلا بىر قەدەر ياخشى تاللاش بولالايدۇ

CSS

نىڭ ئاساسلىق گىرامماتىكىلىق قائىدىسى

CSS

تىلىنىڭمۇ گىرامماتىكىسى

ئىنتايىن ئاددى بۇلۇپ

، CSS

كودىن يېزىشتا تۆۋەندىكى  بىر قانچە تۈرلۈك قائىدىگە دىققەت قىلغاندىلا يازغا كودنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ

1)

HTML

ھۆججىتى ئىچىدە

CSS

كودىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار؛

(1)

CSS

كودىنى خەتكۈچ خاسلىقىغا بىۋاستە يېزىش

بۇ ئۇسۇلدا

CSS

كودى ئوبىكىتنىڭ

style

خاسلىقىغا بىۋاستە يېزىلىدۇ

بۇنداق يېزىلغاندا

CSS

كودلىرى ئايرىم خەتكۈچ ئارقىلىق ئەسكەرتىلمەيدۇ

:مەسىلەن

div

نىڭ توغۇرلىنىش شەكلى كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى تەڭشەپ باقايلى

(2)

CSS

كودىنى بەت ئىچىدە ئايرىم يېزىش

بۇ ئۇسۇلدا

CSS

كودى بەت ئىچىدە

style

خەتكۈچى ئارقىلىق ئەسكەرتىلىپ يېزىلىدىغان بۇلۇپ، بەت ئىچىدە خالىغان ئورۇنغا يېزىلسا بولىدۇ. لېكىن بەتتىكى

HTML

خەتكۈچلىرى بىلەن كېسىشىپ قالماسلىقى كېرەك؛ تور بەت ئىجرا بولغاندا ئەڭ ئاۋال  خەتكۈچى ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ ئالىدىغان بولغاچقا

، CSS

كودىنى بەت ئىچىگە ئايرىم يازغاندا بەتنىڭ  خەتكۈچى ئىچىگە يېزىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ

:مەسىلەن

بارلىق

div

خەتكۈچنىڭ توغۇرلىنىش شەكلى ،كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى تەڭشەپ باقايلى

<st< span=””></st<><st< span=””>yle></st<>

div{

      float:left;

      widows:500px

      height:200px

      {


CSS

كودلىرىنى سىرتتىن ئۇلاش ئارقىلىق قىستۇرۇش

(1

بۇ خىل ئۇسۇلدا

CSS

كودلىرى ئايرىم ھۆججەت قىلىپ يېزىلىدۇ. ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىمۇ

CSS

بولىدۇ

CSS

ھۆججىتى

بەت ئىچىگە مۇناسىۋەتلىك كود ئارقىلىق قىستۇرۇلىدۇ. بىر

HTML

بەتكە قانچە دانە

CSS

ھۆججىتى قىستۇرساق بولۇۋېرىدۇ. ئەمما زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپلىگەن

CSS

ھۆججىتىنى بىر بەتكە قىستۇرۋېلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. بۇ خىل شەكىلدىمۇ

CSS

ھۆججىتىنى قىستۇرۇش كودى بەتنىڭ خالىغان يېرىگە يېزىلسا بولىدۇ. ئەمما بۇ كودنىمنۇ بەتنىڭ  خەتكۈچى ئىچىگە يېزىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ

:مەسىلەن

styele.css

ھۆججىتىنى قىستۇرۇش

2)

كودى خەتكۈچ گەۋدىسىگە بىۋاستە يېزىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئالدى بىلەن تاللىغۇچ يېزىلىدۇ. ئاندىن ئېنگلىزچە چوڭ تىرناق{} نىڭ ئىچىگە CSS

كودى  كېلىدۇ

{

بەلگىسى بىر تۈردىكى

CSS

ئۇسلۇبىنىڭ باشلانغانلىقىنى ،

}

بەلگىسى بىر تۈردىكى

CSS

كودىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

:مەسىلەن

.content{

width:700px;

height:500px;

}


3)

CSS

ئۇسلۇبى ئىچىدە بىر خاسلىق تەكرار يېزىلسىمۇ ھېچقانداق خاتالىق كۈرۈلمەيدۇ. ئەمما شۇ خاسلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يېزىلدىغىنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛

:مەسىلەن

.content{

width:700px;

width:500px;

width:200px;

}


4)

CSS

ئۇسلۇبىدا ئىزاھات ئېنگلىزچە “/* */ ” نىڭ ئارىسىغا يېزىلىدۇ. مەلۇم بىر بۆلەك كودنى ئىزاھلىماقچى بولساقمۇ ياكى كودلارنى ئىجرا قىلىشتىن توختاتماقچى ئەمما ئۈچۈرۋېتىشنى خالىمىساقمۇ شۇ كود بۆلىكىنى /* */ نىڭ ئىچىگە ئېلىۋەتسەك بولىدۇ؛

body{

background-color:red;  /* بەتنىڭ رەڭگىنى قىزىل رەڭگە ئۆزگەرتىدۇ*/

}


5)

CSS

كودىدا خاسلىققا قىممەت يوللىغاندا ئالدى بىلەن خاسلىق ئىسمى ئاندىن ئېنگلىزچە “:” ئاندىن  شۇ خاسلىقنىڭ قىممىتى كېلىدۇ. قىممەت يوللىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېنگلىزچە “;” بەلگىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ

Float:left;


6)

CSS

كودىدا خاسلىقلارنى ئارقىمۇ ئارقا يازساقمۇ قۇر ئاتلىتىپ يازساقمۇ بولىۋېرىدۇ. شۇنداقلا قۇر ئاتلىتىپ يازغاندىكى قۇر سانى ۋە ئىككى خاسلىق ئارىسىدىكى بوشلۇقلارنىڭ سانى CSS نىڭ ئۈنۈمىگە ۋە ئىجرا بولۇشىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

:مېسال

div

نىڭ توغۇرلىنىش شەكلى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى تەڭشەيدىغان

CSS

كودىنى ئىككى خىل شەكىلدە يېزىپ باقايلى

div{

float:left;

width:500px;

height:200px;

}


:بىر قۇرغا يېزىلغان شەكلى

div{    float:left;   width:500px;   height:200px;   }


7)

CSS

دە مۇرەككەپ خاسلىقلارنىڭ ھەر بىر تارماق خاسلىقىغا ئايرىم قىممەت يوللىساقمۇ ياكى ئاساسى خاسلىقنىڭ ئىسمى كەينىگە بارلىق تارماق خاسلىقلارنىڭ قىممىتىنى ئۇلاپ يوللاپ بەرسەكمۇ بولۇۋېرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلاپ يېزىلغاندىكى تەرتىپىگە ھېچقانداق چەكلىمە قۇيۇلمايدۇ. ئەمما ھەر ئىككى قىممەتنىڭ ئارىسىغا چوقۇم كەم بولغاندا بىر دانە ئېنگلىزچە بوشلۇق قۇيۇلۇشى كېرەك. خاسلىقلارغا ئاساسى خاسلىق نامى بويىچە قىممەت يوللىساقمۇ ياكى ھەر بىر تارماق خاسلىققا ئايرىم ئايرىم قىممەت يوللىساقمۇ پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇشىغا ۋە ئۈنۈمىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

:مەسىلەن

مەلۇم بىر ئېلىمىنىتنىڭ رامكىسىنىڭ قىرىنى

1px

توملۇقتا ھەقىقى سىزىق ھالەتتە، قىزىل رەڭگە توغۇرلاپ باقايلى

ئاساسى خاسلىق نامى بويىچە قىممەت يوللانغان شەكلى

.test{border:1px; solid red;}


ئايرىم ئايرىم قىممەت يوللانغان شەكلى

.test{

border-width:1px;

border-style:1px;

border-color:red

}


8)

CSS

تە سان تىپلىق قىممەت ئالىدىغان خاسلىقلارغا قىممەت يوللىغاندا چوقۇم بىرلىكىنى قۇشۇپ يېزىش كېرەك

: مەسىلەن

Font-seze:15px


9)

ھەرىپ بەلگە تىزمىسى تىپلىق قىممەت ئالىدىغان خاسلىقلاردا ىەت نۇسخا سمى ئېنگلىزچە “”” قوش پەشنىڭ ئىچىگە يېزىلسىمۇ ياكى بىۋاستە يېزىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما

CSS

ئىچىدە مەزمۇن ھالىتىدە كەلگەن ھەرىپ بەلگە تىزمىسى چوقۇم قوش پەش ئىچىگە ئېلىنىدۇ؛

font-family:”alkatip tor tom”;

content:”new”;


10)

CSS

تە رەڭ تىپلىق قىممەت ئالىدىغان خاسلىقلارغا قىممەت يوللاش ئۇسۇلى ئۈچ خىل بۇلۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت؛

(1)

رەڭ ئىسمى بويىچە قىممەت يوللاش

بۇ خىل ئۇسۇلدا قىممەت يوللىغاندا خاسلىقنىڭ قىممىتىگە رەڭنىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ. يوللاشقا بولىدىغان رەڭلەر پەقەت

CSS

دە بەلگىلەنگەن 143 خىل رەڭ بىلەنلا چەكلىنىدۇ. رەڭ ئىسمىنىڭ ئالدى كەينىگە ھېچقانداق ئالاھىدە بەلگە قۇيۇلمايدۇ

مەسىلەن: تەگلىككە سېرىق رەڭ بېرىپ باقايلى

Background-color:yellow;


(2)

رەڭنڭ ئون ئالتىلىك سېستىمىدىكى قىممىتى بويىچە قىممەت يوللاش؛

بۇ خىل ئۇسۇلدا قىممەت يوللىغاندا خاسلىقنىڭ قىممىتىگە رەڭنىڭ ئون ئالتىلىك سېستىمىدىكى قىممىتى يېزىلىدۇ. ئەگەر رەڭ قىممىتى ئىككى خانىدىن تەكرارلانغان  بولسا تەكرارلانغان ھەر ئىككى خانىسىدىن بىر خانىنىڭ قىممىتىنى قىسقارتىۋېتىشكە بولىدۇ. ئون ئالتىلىك سېستىمىدىكى رەڭ قىممىتىنىڭ ئالدىغا # بەلگىسى قۇيۇلىدۇ؛

مېسال: قىسقارتىلغان ۋە قىسقارتىلمىغان ئۇسۇلدا تەگلىككە سېرىق رەڭ بېرىش

Background-color:#FFFF00;

Background-color:#FF0;


(3)

رەڭ ھاسىل قىلىش فۇنكىسسىيەلىرىدىن پايدىلىنىپ قىممەت يوللاش؛

بۇ خىل ئۇسۇلدا قىممەت يوللىغاندا رەڭ قىممىتىگە ئېرىشىدىغان خفسلىقنىڭ قىممىتىگە ئالدى بىلەن رەڭ ھاسىل قىلىش فۇنكىسىيىسى يېزىلىدۇ. ئاندىن فۇنكىسىيەگە ماس ھالدا پارامېتىرلار يوللىنىدۇ.

:مەسىلەن

RGB

فۇنكىسسىيەدىن پايدىلىنىپ تەگلىككە سېرىق رەڭ بەرمەكچى بولساق، فۇنكىسسىيەنىڭ پارامېتىرلىرىغا بىز ھاسىل قىلماقچى بولغان رەڭنىڭ ئونلۇق سېستىمىدىكى قىممىتى قىزىل، يېشىل، كۆك تەرتىپ بويىچە يېزىلىدۇ؛

Background-color:rgb(255,255,0);

(11)

CSS

دە ئۇسلۇب بېرىلىدىغان

HTML

ئېلىمىنتىنى تاللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال تاللىغۇچلار خەتكۈچ تاللىغۇچلىرى، تۈر تاللىغۇچلىرى

ID

تاللىغۇچلىرى قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛

مەسىلەن: تاللىغۇچ قۇيۇلغان

HTML

خەتكۈچلىرى

<div> </div> <!–  تۈرتاللىغۇچى ئىشلىتىلگەن خەتكۈچ –>

<div id=”b”></div> <!– تاللىغۇچى ئىشلىتىلگەن خەتكۈچ ID–>

<input /> <!–  خەتكۈچ تاللىغۇچىسى ئىشلىتىلگەن خەتكۈچ –>


تاللىغۇچلارغا ئاساسەن ئېنىقلانغان

CSS

ئۇسلۇبلىرى

.a{} <!– تۈر تاللىغۇچىسىغا ئېنىقلانغان CSS ئۇسلۇبى –>

#b{} <!– تاللىغۇچىسىغا  ئېنىقلانغان CSS ئۇسلۇبى ID–>

input{} <!– خەتكۈچ تاللىغۇچىسىغا ئېنىقلاقغان CSS ئۇسلۇبى –>


12)

مەلۇم شەرت ئاساسىدا ئېلىمىنتلارنى تاللاشقا ئىشلىتىلىدىغان تاللىغۇچلار، خاسلىق تاللىغۇچلىرى، ساختا تۈر تاللىغۇچلىرى، ساختا ئېلىمىنىت تاللىغۇچلىرى ۋە باشقا تاللىغۇچلار قاتارلىق تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛

input[type=text]{}<!– خاسلىقتاللىغۇچلىرى –>

a:link{}  <!– ساختا تۈر تاللىغۇچىسى –>

p:first-letter{} <!–  ساختا ئېلىمىنىت تاللىغۇچىسى –>

div>p{} <!–  ھاسىللىق تاللىغۇچ –>


13)

بىر ئېلىمىنىتقا بىر قانچە تۈردىكى تاللىغۇچنى تەڭ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىر قانچە تۈردىكى تاللىغۇچنى تەڭ ئىشلەتكەندە ئوخشاش تۈردىكى خاسلىققا بېرىلگەن ئۇسلۇبتا خەتكۈچ گەۋدىسىگە يېزىلغان ئۇسلۇب كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر خەتكۈچ گەۋدىسىگە ئۇسلۇب يېزىلمىغان بولسا

ID

تاللىغۇچنىڭ خاسلىقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ ئەگەر

ID

تاللىغۇچى ئىشلىتىلمىگەن بولسا تۈر تاللىغۇچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر تۈر تاللىغۇچىمۇ ئىشلىتىلمىگەن بولسا خەتكۈچ تاللىغۇچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر خەتكۈچ تاللىغۇچىمۇ ئىشلىتىلمىگەن بولسا ئاندىن باشقا تاللىغۇچلار كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛

مەسىلەن: مەلۇم

div

خەتكۈچ تاللىغۇچى، تۈر تاللىغۇچى ۋە

ID

تاللىغۇچنىڭ ھەممىسىنى بېرەيلى ۋە ھەممىسىگە ھەر خىل

CSS

كودى يازايلى

تاللىغۇچ قۇيۇلغان

HTML

خەتكۈچى

تاللىغۇچقا ئاساسەن يېزىلغان

CSS

كودى

*{

font-family:”alkatip tor tom”;

font-seze:10px;

color:green;

}

#cnt{

width:350px;

height:50px;

border:1px solid green;

font-family:”alkatip tor tom”;

font-size:12px;}

.content{

width:300px;

height:150px;

border:1px solid red;

font-family:”alkatip tor tom”;

font-size:15px;

color:red;

}

div{

font-family:”alkatip tor tom”;

font-size:23px;

color:#5e5e5e;

}


14)

بارلىق تاللىغۇچلارنى ئارىلاش ئىشلىتىشكە ۋە قەۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛

.content>span+p{}


Class*/

ئىسمى

content

بولغان بارلىق ئېلىمىنىتنىڭ ئىچىدىكى

span

خەتكۈچنىڭ كەينىدىكى تۇنجى

P

خەتكۈچكە ئۇسلۇب بەلگىلەيدۇ؛

15)

ئەگەر تور بەتتىكى بارلىق ئېلىمىنىتلارغا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئۇسلۇب بولسا ئۇسلۇبنى “*” يۇلتۇز بەلگىسى ئارقىلىق ئېنىقلىسا بولىدۇ؛ مەسىلەن: پۈتۈن تور بەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى

px6 چوڭلۇقتىكى

 Alkatip tor tom

خەت نۇسخىسىغا توغۇرلايلى؛

*{

font-family:”Alkatip tor tom”;

font-size:16px;

}


16)

ئەگەر بىردىن كۆپ ئوبىكىتقا ئوخشاش بىر ئۇسلۇب ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە ئۇ ئوبىكىتنىڭ قايسىتۈردىكى تاللىغۇچ ئىشلەتكەن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر تاللىغۇچلىرىنى “,”  بىلەن ئايرىپ يېزىپ داۋامىغا

CSS

ئۇسلۇب كودىن يازساق بولىدۇ؛

:مەسىلەن

p,br,h1{} 

.content,#title,p{}


© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0
تارقىتىش
ئوخشاش تەۋسىيە مەزمۇنلار
  • مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوقكەن
ئىنكاس