python ئۆگىنىش 1-قىسىم مۇھىت ھازىرلاش

Win10

مەشغۇلات سىستېمىسىدا مۇھىت تەييارلاش   

ئۆزۈم

Win10

ئىشلىتىدىغان بولغاچقا

Win10

دا

Python

مۇھىتى تەييارلاشتىن باشلاپ كېتەي ھە

. Win7,Win8

لەرنىڭمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش. مۇھىت تەييارلاشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاۋۋال كومپىيۇتېردىكى مەشغۇلات سىستېمىمىزنىڭ نەشىرى قانچە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلايمىز.يەنى تۆۋەندىكىچە

    ئۈستىدىكى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سىستېما نەشىرىنى ئېنىقلايمىز. مېنىڭ 64 بىتلىق ئىكەن (ئىستېرىلكىدا كۆرسىتىلگەن يەر شۇ). بىت نەشىرىنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن

www.python.org

نى ئېچىپ

Python

نىڭ ئورگان بېتىگە كىرىمىز

    ئىستېرىلكىدا كۆرسىتىلگەن

Download

(چۈشۈرۈش)

نىڭ ئاستىدىكى

Python3.X

دېگەننى چېكىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئېچىلغان بەتنى ئاستىغا سىيرىپ چۈشۈرسەك ئاستىدىكى رەسىمدىكىگە ئوخشاش جەدۋەل كۆرىنىدۇ

    رەسىمدىكى ئىستېرىلكىدا كۆرسىتىلگەن كەينىدە

installer

دېگەن خېتى بار ئىككىسى دەل بىز چۈشۈرۈپ قاچىلىماقچى بولغان

Python

نىڭ

exe

ھۆججىتى. ئۆزىمىزنىڭ سىستېمىسىغا ماس كەلگەن قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرسەك بولىدۇ

قاچىلاش

    قاچىلاش ھۆججىتىنى يەرلىككە چۈشۈرۈپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن . ئەمسە قاچىلاشنى باشلاپ كەتتۇق. رەسىمدىكى ئۇسۇل بويىچە قاچىلىساڭلار بولىدۇ

     ئۈستىدىكى رەسىمگە ئوخشاش يەردىن

install Now

نى تاللاپ قاچىلىساڭلار بولىدۇ. ئەگەر باشقا يەرگە قاچىلىماقچى بولساڭلار ئاستىدىكى

Customize installation

دېگەن تاللاشنى تاللاپ باشقا رايونغا قاچىلىساڭلارمۇ بولىدۇ

    قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن

windows

نىڭ باشلاش تىزىملىكىدىن پايدىلىنىپ

python

قاچىلانغان ئورۇننى تاپىمىز تەپسىلىي ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك


    ئىستىرىلكىدا كۆرسىتىلگەن ئادرېس بار يەرنى تولۇق تاللاپ كۆچۈرىۋالىمىز ئاندىن كومپىيۇتېرىمىزنىڭ خاسلىقىنى

(属性)

ئىېچىپ 

    رەسىمدىكى رەت تەرتىپ بويىچە ئاچىمىز

    ئېچىلغان رامكىدىن يېڭىدىن قۇرۇش

(新建)

نى بېسىپ ئاستىغا بايا كۆچۈرۋالغان

Python

نىڭ مۇندەرىجە ئادرېسىنى چاپلايمىزئۇنىڭدىن كېيىن

Python

قاچىلانغان ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى

  Scripts

دېگەن ھۆججەت خالتىسىنى ئېچىپ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئادرېسىنى كۆپەيتىپ

، 编辑环境变量

رامكىسىدا يەنە بىر قېتىم

新建

نى بېسىپ كۆچۈرگەن ئادرېسنى چاپلايمىز

 مۇقۇملاش

(确认)

باسساق مۇھىت تەييارلاش تامام بولدى دېگەن گەپ (ئۇھ … ماۋۇ يەرلەرنى سۆزلەپ بولغۇچە ھەجەپ ھېرىپ قالدىم دېسە)

    نورمال قاچىلاندىمۇ يوق بۇنى تۆۋەندىكىدەك سىنايمىز

    ئۈستىدىكىگە ئوخشاش ئېچىلغان قارا كۆزنەككە

python

دەپ بېسىپ

Enter

نى باسساق ئۈستىدىكى رەسىمگە ئوخشاش خەتلەر چىقسا نورمال قاچىلانغان بولىدۇ

. pip

دەپ كىرگۈزسەك ئاستىدىكى رەسىمدەك خەتلەر چىقسا

pip

نورمال بولغان بولىدۇ

    شۇنىڭ بىلەن

windows

ئاستىدا

python

مۇھىتى تەييارلاش تامام. بۇ يەرگىچە كۆرۈپ ئۆزۈڭلارمۇ زېرىكىپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تەپسلىي بولسۇن ئۈچۈن سەل سۆزلەپ سالدىم

تولۇقلىما : بۇ مەزمۇن بۇلماقجاننىڭ پايتخون خاتىرىسىدىن ئېلىندى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0
تارقىتىش
ئوخشاش تەۋسىيە مەزمۇنلار
  • مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوقكەن
ئىنكاس